ئاقار ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ئىتالىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا.

696691
ئاقار ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، ئىتالىيەلىك مەنسەپدېشى گېنېرال - پولكوۋنىك كلاۋدىئو گرازىئانونىڭ رەسمىي مېھمىنى سۈپىتىدە پايتەخت رىمدا زىيارەتتە بولماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئىتالىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك كلاۋىئو گرازىئانونىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن ئىتالىيەگە يېتىپ بارغان گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقارنىڭ  رىمدا مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال - پولكوۋنىك گرازىئانو بىلەن ئىتالىيە باش ئىشتاب باشلىقىدا ھەربىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە مەلۇمات ۋە پىكىر ئالماشتۇرغان گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقارنىڭ زىيارىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر