ئىبراھىم كالىن سومالىغا ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى قوللىدى

سومالىغا ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە 75 مىڭ كىشى قاتناشتى ۋە دەسلەپكى بىر سائەت ئىچىدىلا 1 مىليون 400 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىندى.

696878
ئىبراھىم كالىن سومالىغا ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىغا ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ قوللىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ياردەم سەپەرۋەرەلىكىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىنو چولپىنى بېن سىتىللېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، «بېن سىتىللېر ۋە دوستلىرى سومالى خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل بىر خىزمەت باشلىدى. بىز ياردەم قىلىشقا تەييارمىز» دېگەن سەپەرۋەرلىك ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلدى. ئىبراھىم كالىننىڭ ئۇقتۇرۇشىنى بېن سىتىللېرمۇ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ھەمبەھىرلەشتى. 

ئاچارچىلىققا دۈچ كەلگەن سومالى خەلقىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپىنى جېرومە جاررە تەرىپىدىن ھەمبەھىرلىشىلگەن ۋىدېئو قىسقىغىنە ۋاقىتتا مىليونلىغان كۆرۈرمەنگە يېتىپ باردى.

ھوللىيۋۇدنىڭ ئاتاقلىق كېنو چولپانلىرىدىن بېن سىتىللېرمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ياردەم ئۈچۈن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە مەخسۇس ئايروپىلان ئاجرىتىپ بېرىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ بۇ چاقىرىققا ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى.

سومالىغا ياردەم سەپەرلىكى 2 مىليون دوللارلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇردى. سەپەرۋەرلىككە 75 مىڭ كىشى قاتناشتى ۋە دەسلەپكى بىر سائەت ئىچىدىلا 1 مىليون 400 مىڭ دوللار ئىئانە قىلىندى.

بۇ دائىرىدە تۈركىيە ھاۋ يوللىرى شىركىتىمۇ سومالىغا 60 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر