نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشىگە ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ
نۇمان قۇرتۇلمۇش گېرمانىيە ئىستىخباراتى باشلىقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشىگە ھېچكىشىنىڭ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ياشانغانلار ھەپتىسى پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى زالىدا نۇتۇق سۆزلىدى. تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، تۈركىيە كۈچەيگەنسىرى مەلۇم كۈچلەرنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىنى دۆلەتلىرىگە كىرىشكە يول قويمىغىنى بىلەن، تۈركىيە دۈشمەنلىرىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە گۇماشتىلىرىنىڭ شۇنداقلا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە قۇيرۇقچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە دۈشمەنلىرىنىڭ چوڭ يىغىنلارنى ئىچىشىغا رۇخسەت قىلىشماقتا، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۈركىيەگە قارشى نامايىشلارنى ئۆتكۈزىشىگە يول قويۇشماقتا. بۇلارنىڭ قورقۇۋاتقىنى ئەسلىدە، كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بىر تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر» دېدى.
ياۋروپادىكى بەزى گېزىتلەرنىڭ تۈركىيەگە قارشى خەۋەرلىرى تەرەپكىمۇ دىققەتنى تارتقان نۇمان قۇرتۇلمۇش، «16 – ئاپرىلدىكى راي سىناشتىن كېيىن مىللىتىمىز دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللاپ، تۈركىيەنىڭ يولىنى ئاچىدۇ» دېدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش گېرمانىيە ئىستىخباراتى كاتتىۋېشىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى قانلىق ھەربىي ئۆزگىرىش قورغاشنىڭ جاۋابكارى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپانىڭ فاشىست، ناتسىست ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق دولقۇنىنىڭ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.