قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» يىغىندا، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ گورۇپپىلىرىنىڭ سىستېمىلىق ماسلىشىشچان ھەرىكەت قىلىشىنىڭ پايدىلىق ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلدى.

695160
قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە قازان رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «2–نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئاكتىپلىرى ئۇچرىشىشى» ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشقا، ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

2017–يىلى 19–مارت قازان رايونلۇق ھۆكۈمىتى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا، ھۆكۈمەت باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك، سابىق پارلامېنت باشلىقى جەمىل چېچەك، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باش كاتىپى پىروفېسسور دوكتور ئىرفان نەزىرئوغلۇ، ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللار، ژۇرنالىستلار ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 200 گە يىقىن كىشى قاتناشتى.

تۈركىيەدە 4 يېشىدىن تارتىپ ھەر تۈرلۈك پروگراممىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تونۇلغان مۇجاھىت كەشغەرى ۋە دادىسى ژۇرنالىست مىركامىل كاشغەرى قاتناشتى.

ئەتىگەن ناشتىلىق زىياپەتتىن كېيىن باشلانغان يىغىننىڭ دەسلەپكى بۆلۈمىدە، ئەنقەرە قازان رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى لوقمان ئەرتۈرك، سابىق پارلامېنت باشلىقى جەمىل چېچەك ۋە باشقا دۆلەت ئەرباپلىرى  نۇتۇق سۆزلىدى.

لوقمان ئەرتۈرك ئۆز نۇتىقىدا، يەرلىك ۋە مىللىي مەيدانى مۇستەھكەم، ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن مۇھىم ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىۋاتقان، ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپپا ۋەكىللىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ گورۇپپىلىرىنىڭ سىستېمىلىق ماسلىشىشچان ھەرىكەت قىلىشىنىڭ پايدىلىق ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇچرىشىشنىڭ چۈشتىن كىيىنكى 2 - بۆلۈمىدە بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپپا ۋەكىللىرى، ئەركىن پىكىر-تەكلىپلەرنى سۇنۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۆزئارا تونۇشۇپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت تېخنىكىلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل كاشغەرى تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ گۇرۇپپىلىرى مەسئۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغاندىن سىرت، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەت مەسئۇللىرىغا مەرھۇم ئۇيغۇر تارىخشۇناس تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنى ھەدىيە قىلدى ۋە تۈكىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتتىن كۈتكەن ئارزۇ–ئۈمىدلىرىنى يەتكۈزدى.

   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر