ياۋروپا سىياسەتچلىرىنى تولىمۇ قىيىن بىر مەزگىل كۈتۈپ تۇرماقتا

نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپادا ئىرىقىۋازلىق، يېڭى فاشىزم، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە يېغىنچاقلىغاندا تۈركىيە دۈشمەنلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

693025
ياۋروپا سىياسەتچلىرىنى تولىمۇ قىيىن بىر مەزگىل كۈتۈپ تۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش گوللاندىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «گەرچە رۇتتەنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى پارتىيە  پارلامېنتتا 33 ئورۇندۇققا ئىگە بولالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دۈشمىنى ۋە ئاشكارا ھالدا تۈركلەرگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ۋىلدېرسنىڭ پارتىيەسىنىڭ 20 ئورۇندۇققا ئىگە بولۇپ، ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇلىغانلىقى گوللاندىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ ئەندىشىلىك بىر ئەھۋال» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش گوللاندىيەدە ئۆتكەن شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتىمە بېتۈل سايان كاياغا قىلىنغان شەرمەندىلەرچە ھۇجۇملارنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن بىر يېرىكچىلىك ۋە كىرىزىسكە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. بۇ جەھەتتە مىنىستىرلار كېڭىشىدە سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشى ھەققىدە قارار ماقۇللانغانلىقىنى ھەمدە بۇنى پۈتۈن جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپادا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىلىق ۋە رادىكال مىللەتچىلىك مەسلىسى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىرىقىۋازلىق، يېڭى فاشىزم، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە يېغىنچاقلىغاندا تۈركىيە دۈشمەنلىكى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز تەدبىرلىرمىزنى ئالىمىز. بىزگە بىر نەرسە بولمايدۇ. ياۋروپادىكى ئاشقۇن ئوڭچىلىق دولقۇنى بىزگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدايمىز. بىراق ياۋروپا سىياسەتچلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچلاردا ئىنتايىن قىيىن بىر مەزگىل كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ ئىش گوللاندىيەدىكى سايلامدا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى نامايان قىلدى. ئەگەر ياۋروپادا مۆتىدىل، دېموكراتىك ۋە ھەقىقەتەن لىبېرال سىياسەتچىلەر جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماي، كۈنسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان رادىكال ئىرقىۋازلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش دولقۇنىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالسا، ئۇچاغدا بۇ دولقۇن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇلارنىمۇ غەرق قىلىدۇ» دېدى.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر