ئەردوغان ۋېنگرىيە پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋېنگرىيە پىرېزىدېنتى جانوس ئادېرنى تەبرىكلىدى.
692432
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەردوغان ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋېنگرىيە پىرېزىدېنتى ئادېرغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىىنى تەبرىكلىگەن ھەم مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە – ۋېنگرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.
يەكشەنبە كۈنى ۋېنگرىيە مىللىي مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئادېرنىڭ زەپىرى بىلەن نەتىجىلەنگەن، سايلامنى تۈركىيەنىڭ بۇداپېشت باش ئەلچىسى شاكىر فاقىلىمۇ كۆزەتكەنىدى.