تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە گوللاندىيەدە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى دىپلوماتىك ھەيئەتكە قىلىنغان ئەدەپسىزلىكنىڭ ۋىيانا ئەھدىنامىلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈۈرپ، ب د ت غا نوتا تاپشۇردى

692562
تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېسقا تاپشۇرۇلغان نوتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ۋىيانا ئەھدىنامىسى ۋە كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار ۋىيانا ئەھدىنامىسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقى خاتىرىلىتىلدى.

گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ مىنىستىر قايانىڭ 11 – مارت كۈنى روتتېردامدا تۈركىيە باش كونسۇلخانىسىغا كېتىشىگە، كونسۇل ۋە تۈركلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن نوتىدا، ساقچىلارنىڭ مىنىستىر ۋە ھەيئەتنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.

نوتىدا ساقچىلارنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكى، دىپلوماتىك ئاپتوموبىللارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەمدە مىنىستىرنى نىجمېگېن يېزىسىدىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، 90 مىنۇت تۇتۇپ تۇرغانلىقى، ئارقىدىن ئاپتوموبىلى ئارقىلىق مەجبۇرىي ھالدا گېرمانىيە چېگراسىغا ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ روتتېردام باش كونسۇلى ۋە باشقا خادىملارنىڭ كونسۇلخانىدىن چىقىپ، مىنىستىرنى قارشى ئېلىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن نوتىدا، «بۇ قىلمىشلار ھەم دىپلوماتىك قائىدە – يوسۇنلار ھەم خەلقئارا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپتۇر ھەمدە كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار ۋىيانا ئەھدىنامىسىنىڭ 5 – ۋە 36 – ماددىلىرىنى دەپسەندە قىلىشتۇر» دېيىلدى.

نوتىدا، ساقچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاگۇي ئەلچىخانىسى مەسلىھەتچىسى، دېۋېنتېر باش كونسۇلى ۋە ئىككى نەپەر مەمۇرىي خادىمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىخانىغا ئېلىپ بارغانلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىلاشقان بولۇشىغا قارىماي، مەسلىھەتچىنى بىر سائەت، باش كونسۇلنى 40 مىنۇت، مەمۇرىي خادىملارنى بولسا يالغۇز كىشىلىك كامېردا تۇتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى تارتىۋالغانلىقى قەيت قىلىندى، بۇ قىلمىشلارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار ۋىيانا ئەھدىنامىسىنىڭ 22 -، 26 -، 29 – ۋە 37 – ماددىلىرىنىڭ، كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار  ۋىيانا ئەھدىنامىسىنىڭ 5 -، 34 -، 40 -، 41 – ۋە 43 – ماددىلىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىدىغان دوكلاتىغا بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىمۇ ئىلاۋە قىلىشى ھەمدە بۇ دەپسەندىچىلىكلەر مەزمۇن قىلىنغان يازما باياننامىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بارلىق دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر