يىلدىرىم، گوللاندىيە ۋە ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، «ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار بېرىشى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ باشقا يولى يوق» دېدى.

691919
يىلدىرىم، گوللاندىيە ۋە ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم تۈنۈگۈن ئۈچ خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلغان مەخسۇس پىروگراممىسىدا ژۇرنالىستلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئوڭشىلىپ، بۇرۇنغا سىزىقىغا كىرىشى ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ ياۋروپا قىممەت – قاراشلىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، پىكىرنى ئەركىن – ئازادە بايان قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ، بىراق بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، «يا سايلاملاردىن ئىلگىرى ياكى سايلاملاردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قارار بېرىشى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ باشقا يولى يوق» دېدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئويناۋاتقان رولى ۋە رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ياۋروپانىڭ قانداق خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ياۋروپادا ياشاۋاتقان قانداشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن يىلدىرىم، «ئۇ نۇقتىدىن مۇناسىۋەتلەرنى يىرىكلەشتۈرۈشنىڭ بىزگە شۈبھىسىز پايدىسى بولىدۇ، بىراق ياۋروپاغا پايدىسى بولمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ زىيىنى بولىدۇ. بۇنى بىلىۋېلىش پايدىلىق» دېدى.

يىلدىرىم تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈستىدە توختىلىپ، شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قۇنۇش رۇخسىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى دىپلوماتىيەدىكى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانىڭ تۈركىيەنىڭ روتتېردامدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگۈزۈلمەسلىكىنىڭ ئىشنى كونترولدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

گوللاندىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كىرىزىس چىققاندىن كېيىن، دىپلوماتىك ئايروپىلان ئۇچۇشلىرىنىڭ شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەرنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى ۋە گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كەلمەسلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن يىلدىرىم، بۇ مۇساپىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى، ۋاقتى، ئورنى ۋە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر ژۇرنالىستنىڭ، بۇ مەسىلىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلارنى خاتىرىلەتكەن  ھالدا، «نېمىشقا لاھاي ئەدلىيە مەھكىمىسىگە ئەمەس، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا، «بىزنىڭ دىپلوماتىمىز ۋە باش كونسۇلىمىزنى بىر مۇددەت نازارەت ئاستىغا ئېلىشتى، ئارقىدىن بۇنىڭ خاتالىق بىلەن سادىر قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە بۇ ھەقتە گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تېلېفوندا كەچۈرۈم سورىدى» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر