تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى ئەرتۇغرۇل سويسال مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

692063
تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يوزغات پارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل سويسال، ھەپتە بېشىدا چاقىرىلغان مىنسىتىرلار كېڭىشىنىڭ دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى ھەققىدە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

ئەرتۇغرۇل سويسال مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دوستلۇق گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ سۆز قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىنىستىرلار كابېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان پىرىنسىپال قارار دائىرىسىدە بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەسىلىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى تۈركىيە مېنىستىرلىرىگە تۇتۇلغان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن كىرىزىس ياراتقان گوللاندىيەگە قارىتا تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغان قەدەملەر ھەققىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدا قارار چىقىرىلغان ئىدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، گوللاندىيەنىڭ باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەر ئورۇندالماي تۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىپ كەلمەسلىكى كېرەكلىكىنى،  گوللاندىيەنىڭ دىپلوماتىك ئايروپىلانلىرىنىڭ كېلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارا پىلانلانغان يىغىنلارنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)گە تۈركىيە - گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيە تەرىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىغا قونۇش رۇخسىتى بەرمىگەن شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فەتىمە بېتۈل سايان كايانى بولسا، تۈركىيەنىڭ روتتېردامدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا كىرگىلى قويمىغان ئىدى.

 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر