ماردىندا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

ماردىندا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررورچىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

691708
ماردىندا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، PKK تېررورچىلىرى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ماردىن – دىيارباكىر تاش يولىنىڭ مازىداغى ئۈچيول رايونىدا پارتلاتقۇچ تازىلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەسنادا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتتى؛ ھۇجۇمدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا زاپاس قىسىملار ئەۋەتىلىپ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىتىلدى.

پارتلاشتىن كېيىن تاش يولنىڭ ھەر ئىككى يۆنىلىشىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى توختىتىپ قويۇلدى. قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر