ئىبراھىم قالىن: تۈركىيە، ياۋروپا ۋە تارايغان ئۇپۇقلار

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئىش مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپانىڭ ئۆزى قىممەت – قاراشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

691286
ئىبراھىم قالىن: تۈركىيە، ياۋروپا ۋە تارايغان ئۇپۇقلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، «Daily Sabah» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «تۈركىيە، ياۋروپا ۋە تارايغان ئۇپۇقلار» ناملىق ماقالىسىدە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھالدا، روتتېردام شەھىرىدە شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ دىپلوماتىك سۈركىلىشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ مۇساپىنىڭ ياۋروپا دېموكراتىيەسى ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، بۇ كىرىزىسنى پەقەت گوللاندىيەدىكى سايلاملارنىڭ يېقىنلىشىپ قېلىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

15 – مارتتىكى ئومۇمىي سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدا قېلىشقا تىرىشىدىغان گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ياۋروپانىڭ ئىسلامغا قارشى ئەڭ چوڭ سىياسىي ھەرىكىتى بولغان گېرت ۋىلدېرسنىڭ پارتىيەسىگە بويۇن ئەگكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن قالىن، ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ باشقىچە سىياسىي پوزىتسىيەلەرنى بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا دېموكراتىيە، تەربىيە، كۆپ مەدەنىيەتلىك بولۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىرقچى شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا قارشى دەبدەبىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم قالىن ماقالىسىدە، بەزى ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىڭ «تۈركىيەنىڭ سىياسىي مەسىلىسى ياۋروپاغا يۆتكەلمەسلىكى لازىم» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى؛ كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلىتىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «ھەتتا PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە DHKP-C مەنسۇپلىرىنىڭ ياۋروپا پايتەختلىرىدە ئەركىن – ئازادە ئايلىنىپ يۈرۈشى، ئەزا قوبۇل قىلىشى، خىراج توپلىشى ۋە قارا تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا توسالغۇ يوق. ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى، بۇ خىل قوش ئۆلچەملەرنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 16 – ئاپرېلدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيەتلىرىگە تەرەپ بولدى» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، تۈرك سىياسەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سايلام دولقۇنى دائىرىسىدە 16 – يانۋاردا ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئەلچىخانىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

قالىن، بۇ خىل توسقۇنلۇق قىلىش تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق ئىرقچىلىقنىڭ نورماللاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپانىڭ سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ياۋروپانى قوللىغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن، ياۋروپالىق دېموكراتلارنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر