تۈركىيە شىۋېيتسارىيە مەتبۇئاتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا قايمۇقتۇرغۇچى ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن شىۋېيتسارىيەنىڭ «بلىك» گېزىتىنى ئەيىبلىدى.

690822
تۈركىيە شىۋېيتسارىيە مەتبۇئاتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «بلىك» گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە، تۈركىيەدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى توغرىسىدا قايمۇقتۇرغۇچى ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

«خەۋەرنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن باياناتچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، «كۈتىدىغىنىمىز، جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قىلىنغان بىھۆرمەتلىكنى ياپىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىدۇر» دېدى.

«بلىك» گېزىتى بىرىنچى بەتتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، تۈركچە ئىبارىلەر بىلەن كىشىلەرنى 16 – ئاپرېلدىكى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە رەت قىلىپ بېلەت تاشلاشقا چاقىردى. خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھاقارەت قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، «بۇ تۆھمەتلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىكنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە مۇخبىرلىق بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر