تۈركىيە گوللاندىيەگە ئىككى ئايرىم ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە، گوللاندىيەگە تۈرك مىنىستىرلارغا قىلغان توسقۇنلۇقلىرى ۋە تىنچ يىغىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا قىلغان ناچار مۇئامىلىلىرى يۈزىسىدىن ئىككى ئايرىم ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.

690244
تۈركىيە گوللاندىيەگە ئىككى ئايرىم ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن ئۈچىنچى قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان گوللاندىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلىگە ئىككى ئايرىم ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان بىرىنچى ئۇلتىماتومدا، مىنىستىر فاتما بەتۈل سايان قايا ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت گوللاندىيەدە ئۇچرىغان ئەھۋالنىڭ خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە زىت، ۋىيېننا ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇلتىماتومدا يەنە، تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، تۈرك مىنىستىرلار ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا قىلىنغان مەزكۇر قانۇنسىزلىقلارنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، بەلگىلىمە ۋە ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قانۇنىي، مەمۇرىي جازالارنىڭ بېرىلىشى ۋە بۇلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

ئىككىنچى ئۇلتىماتوم گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ روتتېردام كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان تۈركلەرگە قاتتىق مۇداخىلە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا، ساقچىلارنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا نامايىش قىلغۇچىلارغا قىلىنغان مۇداخىلىسىنىڭ مۇۋازىنەتسىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

گوللاندىيە دائىرىلىرى، شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانى بولسا، تۈركىيەنىڭ روتتېردامدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگۈزمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر