تۈركىيە ئىككى دېڭىزدا تەبىئىي  گاز قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردا تەبىئىي  گاز زاپىسى ۋە مەنبە سەرخىلىقى لايىھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى.

688805
تۈركىيە ئىككى دېڭىزدا تەبىئىي  گاز قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۇ دائىرىدە تەبىئىي  گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. تۈركىيە بۇ يىل قارادېڭىز ۋە ئاقدېڭىزدا نېفىت ۋە تەبىئىي  گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش لايىھەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدۇ.

ھۆكۈمەت ئاقدېڭىز ۋە قارادېڭىز سۇلىرىدا تېخىمۇ ئاكتىپ ئىككى ۋە ئۈچ تەرەپلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن سىرت يەنە، ھەر ئىككى دېڭىزدا قىدىرىپ تەكشۈرۈش مۇساپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

تۆت ئەتراپى سان - ساناقسىز ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار بىلەن تولۇپ تاشقان تۈركىيە رايونىدىكى ۋەزىيىتى ئەڭ مۇقىم ۋە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمدە ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئويناۋاتقان رولىغا ئاساسەن، ئۇلۇغۋار پىلان لايىھەلىرىنى كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر