تۈركىيەدە ئاياللار ئەرلەردىن ئاز بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ

تۈركىيە سىتاتىستىكا ئىدارىسى 2016-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەىتجىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ھەم كۆپ ھەم ئۇزۇن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

686152
تۈركىيەدە ئاياللار ئەرلەردىن ئاز بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىتاتىستىكا ئىدارىسى «2016-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش »خىزمىتىنىڭ سىتاتىستىكىلىق نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.

سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %50.2نى ئەرلەر، %48.8نى ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40مىليون 43650نى ئەرلەر، 39مىليون 771221نى ئاياللار ئىگىلەيدىكەن.

تۈركىيەدە ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى 78 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئەرلەردە 75.3 ياش،  ئاياللاردا 80.7 ياش ئىكەن. ئادەتتە ئاياللار ئەرلەردىن كۆپرەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ، پەرق 5.4 ياش ئەتراپىدا بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر