ھاتايغا سۈرىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ سامانداغى (سامان تېغى) ناھىيەسى ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى ھاتاينىڭ سامانداغى ناھىيەسى ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتتى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
ھاتاي ۋالىيسى ئاردال ئاتا قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئايروپىلان كېپىنگىسىنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكى بايقالدى. ئۇچقۇچىلارنى سەكرەپ قۇتۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز» دېدى.
بۇ جەرياندا، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىدلىب شەھىرى ئەتراپىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۆكتىچىلەر ئايروپىلان ئاتار بىلەن ئېتىلغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان.