تۈركىيە ناھايتى چوڭ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا

تۈركىيە تارىخىي يىپەك يولىنىڭ زامانىۋىي پارچىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ناھايتى چوڭ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

683522
تۈركىيە ناھايتى چوڭ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا چاقىرىلغان 13-نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاب قلىپ، تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان چوڭ لايىھەلەرنىڭ تارىخىي يىپەك يولىنىڭ زامانىۋىي پارچىلىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان يېڭى ئايرودۇرۇمنىڭ رايونغا كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بارلىق لايىھەلىرىمىزنى تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان 400 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر