تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتىدە خەلقئارا بازارلاردىكى نوپۇزىنى كۈچەيتمەكتە

ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن Avalon Airshow  كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان روكەتسان SOM-J  تىپلىق   باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.

683005
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتىدە خەلقئارا بازارلاردىكى نوپۇزىنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا تەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىرونېۋىك سېتىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن بۇ قېتىم روكەتسان (باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا مۇداپىئە سىستېمىلىرى چەكلىك پاي شىركىتى) نىڭ SOM-J  تىپلىق   باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئاۋىستىرالىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن سېتىشى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن يېڭى ئەۋلاد F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالىدىغان بولۇپ، SOM-J  تىپلىق   باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىمۇ  F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قوراللىرىدىن بىرى ئىكەن.

روكەتسان ئىنژېنېرلىق ئىشلىرى دىرېكتورى جەنك ئۆنەن ئاۋىستىرالىيەدىكى كۆرگەزمىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي قورال - ياراغ سانائىتىنى تونۇشتۇرۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە روكەتسانغا ۋەكالىتەن ئەمەس، ئەكسىچە تۈركىيەگە ۋەكالىتەن كەلدۇق. بىز ساتقان مەھسۇلاتلار تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولۇپ، ھەممىسى روكەتساننىڭ مىللىي ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە سىستېمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن بىز بۇ يەردە بىر قورالنى ئەمەس، بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۈرلۈك قابىلىيەتلىرىنى، بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى ساھەسىدە قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، ئاۋىستىرالىيەدىكى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرگەزمە 5 – مارت كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر