چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر پ ك ك / ي پ گ مۇنبىچتىن چېكىنمىسە ھۇجۇم قىلىمىز

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چېكىنمەيدىغان بولسا، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

683247
چاۋۇشئوغلۇ: ئەگەر پ ك ك / ي پ گ مۇنبىچتىن چېكىنمىسە ھۇجۇم قىلىمىز
çavuşoğlu gazeteciler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ مۇنبىچ رايونىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىغان ھالدا، «ئەكسىچە بولغاندا، ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمىزنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېدۇق» دېدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشنىڭ ئەلبابتىن تازىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەلباب ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنبىچقا قاراپ ماڭىمىز، بىراق ھەربىي ھەرىكەت تېخى باشلىمىدى. رايوندا ي پ گ لىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن تەلىپىمىز، بۇلارنىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىدۇر» دېدى.

شەھەرلەرنىڭ، ئۇ شەھەرلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى، باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «ي پ گ ئۇ يەر (مۇنبىچ) دىن چېكىنمىسە، ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىلىق قوماندانلارنىڭ سابىق پىرېزىدېنت ئوبامانى ئۆز ۋاقتىدا قايمۇقتۇرغانلىقىنى، بىراق، ترامپ دائىرىلىرىنىڭمۇ ئوخشاش قىلتاققا چۈشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بىزنىڭ ي پ گ ياكى باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلغان كۈرىشىمىز، بىزنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قارىمۇقارشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماسلىقى لازىم. ھېچبىر ئىتتىپاقدىشىمىزنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سېپىدە تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىش، بىر تېررور رايونى يارىتىش بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خاتادىن قايتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭمۇ شەرققە يۈزلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە تۈركىيەنىڭ مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قارشىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇ يەنە، پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق كورد ئەسكەرلىرى) گە سۈرىيەدە ۋەزىپە بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر