ئىستانبۇل بوغۇزىغا دېڭىز ئاستىدىن پىيادىلەر تۇنېلى ياسىلىدۇ

ئىستانبۇل بوغۇزىغا دېڭىز ئاستىدىن پىيادىلەر تۇنېلى ياسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

682032
ئىستانبۇل بوغۇزىغا دېڭىز ئاستىدىن پىيادىلەر تۇنېلى ياسىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا مارماراي ۋە ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلىدىن كېيىن يەنە بىر چوڭ لايىھە خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئاستىدىن پىيادىلەر ئۈچۈن تۇنېل ياسىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ تۇنېل ياساش خىزمىتىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇرغىلاش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان ئۈسكۈدار-كاباتاش تۇنېلىدىن پىيادىلەردىن سىرت ۋېلىسىپىتلىقلارمۇ ئۆتەلەيدۇ.

مارماراي ۋە مېترو لىنىيەلىرى بىلەن باغلىنىدىغان ۋە كېلەر ئايدا قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى باشلىنىدىغان بۇ تۇنېل، 600 كۈندە تاماملىنىدۇ.

ئىنسان بىخەتەرلىكىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كاپالەتگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەقىللىق ۋە تېخنولوگىيەلىك سىستېمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تۇنېلدا ھاۋا تەڭشىگۈچلەرمۇ بولىدۇ.

يانفونلار ۋە سەزگۈچلەر ئارقىلىق پىيادىلەر كۆزىتىلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدۇ.

تۇنېلنىڭ تاملىرى سەنئەت كۆرگەزمىسى، رەسىملەر ۋە پائالىيەتلەر ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تەخمىنەن 2 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتا بولىدىغان تۇنېلدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تېز سۈرئەتتە ئۆتكىلى بولىدۇ.

ئىستانبۇلنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدا مۇھىم رول ئويناىدىغان مەزكۇر لايىھەنىڭ ساياھەت جەھەتتىن كىرىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

تۇنېلنىڭ 2019-يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر