ماردىندا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلاندى

باتماننىڭ گەرجۈش ناھىيەسىدىمۇ 13 ئايرىم - ئايرىم ئادرىستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.

682235
ماردىندا يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن يول ياقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۈلغان يەرلىك ئۇسۇلدىكى پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلاندى. 

ناھىيەلىك ژاندارما قوماندانلىقى ئەترىتى قىزىلتەپە – ۋىرانشەھىر يولىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايقىدى. بومبا تازىلاش ئەترىتى ئەتراپنى دەرھال بىخەتەرلىك چەمبىرى ئىچىگە ئالغاندىن كېيىن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچنى كونتروللۇق ھالدا پاچاقلاپ تاشلىدى.

پارتلاشتىن كېيىن چوڭ يولدا بىر يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك پەيدا بولدى. ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى رايوندا جىددىي ھەرىكەت باشلىدى.

باتماننىڭ گەرجۈش ناھىيەسىدىمۇ 13 ئايرىم - ئايرىم ئادرېستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا تاپانچا، ئۇزۇن مۇساپىلىق قورال، 2 ئوقدان، 90 تال ئوق، پارتلاتقۇچ، تۇرمۇش ۋە سەھىيە بويۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنى سوراق قىلىش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر