ئەمىنە ئەردوغان سۇلتان 2 – ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 2 - ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ ھاياتىنى چۈشۈنۈپ يېتېشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق چاغدىكىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

681502
ئەمىنە ئەردوغان سۇلتان 2 – ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى

 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 2 – ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ پادىشاھلىق دەۋرىنىڭ دۆلەت دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى چۈشۈنۈش جەھەتتىن ئەينەكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئىستانبۇل يىلدىز سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىلدىز سارىيى مۇزىيى ئەسەرلىرى تىزىملىكى»نى تۇنۇتۇش پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ قىممەتلىك تارىخىي ماكاندا شۇنداقلا 2 – سۇلتان ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ  رۇھى سىڭگەن بۇ سارايدا ئۆتمۈشكە ئېچىلىدىغان مۇھىم ئىشىك بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىنە ئەردوغان سۇلتان 2 – ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ يېقىن تارىخنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدىغان بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى، ئوسمانلى خەلىپىلىكى ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغان بىر دەۋردە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىدارىي ئىسلاھاتلار ئارقىلىق دەۋرگە ھايات بەخش ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەدە يېقىندىن بۇيان تارىخقا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، تارىخىي تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، پىروگراممىلىرى ۋە تارىخىي كىتابلارنىڭ ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ يېڭى ئەۋلادلارغا نىسبەتەن كومپاسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئابدۇل ھەمىتخاننىڭ ھاياتىنى چۈشۈنۈپ يېتېشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق چاغدىكىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇنىڭ دەۋرى دۆلىتىمىز دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن بىر ئەينەكلىك رولىغا ئىگە. تارىخنىڭ قەلبى ھېسابلىنىدىغان مۇزىيلارنى ياش ئەۋلادلار قانچە كۆپ زىيارەت قىلغانسىرى، تارىخىي مەلۇماتلىرى شۇنچە ئۆسۈپ، ھاياتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر