بوزداغ گۈلەنگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىدى

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەنگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

679135
بوزداغ گۈلەنگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېڭى ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسىئونس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن بەكىر بوزداغ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئەدلىيە مىنىستىرىغا يوللىغان مەكتۇپى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، مەكتۇپىنىڭ تەبرىك ۋە ئۇتۇق تىلەشنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى؛ ئىككى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى – تېررورچى گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىگە تۈركىيەنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر نۇقتا ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ قايتۇرۇلۇشىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە مۇسبەت تەسىر يارىتىدىغانلىقىغا دائىر پىكىرلىرىم ئىپادىلىگەن بىر پارچە مەكتۇپ يوللىدىم» دېدى.

بوزداغ، ئامېرىكا يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى بۇ جەھەتتە مۇسبەت قەدەملەرنى تاشلايدۇ، دەپ ئويلايدىغان ياكى ئويلىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا قارالغىنىدا، بۇرۇنقىدىن پەرقلىق بىر خىل ئەھۋال مەۋجۇت، دەپ جاۋاب بەردى.

ئەنقەرەنىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ مەسىلىنى مۇسبەت مۇھاكىمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بوزداغ، يېڭى ئەدلىيە مىنىستىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن يوللىغان مەكتۇپىدىن باشقا، تېلېفوندا كۆرۈشۈشنىمۇ تەلەپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «زۆرۈرىيەت تېپىلسا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا مىنىستىر بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېرىشىم مۇمكىن. ھۆرمەتلىك مىنىستىرنىمۇ تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىمەن. تۈركىيەدىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلىشىشىمىز مۇمكىن.»

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنىپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرىغا يوللىنىشىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىۋاسىتە تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ئۇ ماتېرىياللار ھازىرغىچە يوللانمىدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بوزداغ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىپ – كەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، تەشكىلاتنىڭ بەزى جايلاردا يەر سېتىۋالغانلىقىغا دائىر جىددىي ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى؛ بولۇپمۇ كانادا ناھايىتى چوڭ جاي سېتىۋالغانلىقى توغرىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە تارماقلىرىغا يوللانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كانادا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كېلىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ) بۇ دۆلەتكە بەكرەك مايىللىقىنى بىلدۈرگەن بەكىر بوزداغ، تەشكىلاتنىڭ يەنە مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر