ئەمىنە ئەردوغان سۈرىيەلىك ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچى ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

676856
ئەمىنە ئەردوغان سۈرىيەلىك ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچى ئاياللاردىن ئىشلەپچىقىشقا ھەسسە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە سۈرىيەلىك ئاياللارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان سۈرىيەلىك ئاياللارنىڭ بالدۇرراق ئۆز يۈرتلىرىغا قايتىپ كېتىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمىنە ئەردوغان، ئۇنداق كۈنلەرنىڭمۇ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان ھەر خىل كەسىپلەرگە ئىگە سۈرىيەلىك ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ پاناھلانغۇچىلارغا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئەمىنە ئەردوغان: «تۈركىيەدە بىز كۈتىۋاتقان 2 مىليون 800 مىڭ سۈرىيەلىك مېھمانلاردىن 1 مىليون 300 مىڭى ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بىز بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك مۇسابىقىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقىمىز بىلەن پەخىرلەنمەكتىمىز» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان سۈرىيەلىك ئاياللارغا خىتاب قىلىپ، تۇمۇشقا ماسلىشىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە: «سىلەرنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيىتىمىزنى كۈچەيتىڭلار، ئىشلەپچقىرىشىمىزغا ئاكتىپ ھەسسە قۇشۇڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر