تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھاككارى ۋە زاپتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاككارى تاغلىق رايونى بىلەن زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ 10 نۇقتىسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.

676936
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ھاككارى ۋە زاپتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سەھەر سائەت 5:45 – 7:35 ئارىلىقىدا ھاككارى تاغلىق رايونىدا ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تاپشۇرۇۋېلىنغان ھازىرىي ئۇچۇرلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، تېررورچىلارنىڭ ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى قاتارلىق 10 نىشانىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ھاۋا ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بازىلىرىغا ساق – سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر