سۈرىيەدىن قايغۇلۇق خەۋەر: بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.

676712
سۈرىيەدىن قايغۇلۇق خەۋەر: بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنىڭ 182 – كۈنىدە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى تازىلاش خىزمىتىگە قاتناشقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، ئىككى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 109 نىشانىغا قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكى، ھەرىكەت جەريانىدا جەمئىي 44 تېرروچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر