مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى: دائېش بىلەن ي پ گ ئۆزئارا قورال سودىسى قىلىشماقتا

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى: «بېرىلگەن قوراللارنىڭمۇ يېرىمى دائېشقا، يېرىمى ي پ گ غا كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. ي پ گ نىڭ قولىغا قورال ئۆتتى دېگەنلىك، پ ك ك نىڭ قولىغا ئۆتكەنلىك بولىدۇ.» دېدى.

676110
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى: دائېش بىلەن ي پ گ ئۆزئارا قورال سودىسى قىلىشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ بىلەن دائېشنىڭ ئۆزئارا قورال - ياراق سودىسى قىلىشقانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى گ 20 مىنىستىرلەر يىغىنى ۋە 53 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مىيۇنىخ كونفېرانسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى. باياناتىدا سۈرىيەدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرپپىلار ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە ياردەملىشىش بارلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بىر – بىرىنى ئۆلتۈرېۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بېرىلگەن قوراللارنىڭمۇ يېرىمى دائېشقا، يېرىمى ي پ گ غا كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. ي پ گ نىڭ قولىغا قورال ئۆتتى دېگەنلىك پ ك ك نىڭ قولىغا ئۆتكەنلىك بولىدۇ. بۇنى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا كۆرۈۋاتىمىز. بۇ قوراللارنى قولغا چۈشۈرىۋاتىمىز. ي پ گ بىلەن دائېش ئاساسەن سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە بىر - بىرى بىلەن كۈچ تالىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.  ھەر ئىككىسى بىر – بىرىدىن زېمىن تارتىۋېلىشنىڭ كويىدا. شۇنداقتىمۇ يەنە كۆپ جايلاردا بىر – بىرىدىن قورال ئالماقتا، بىر - بىرى بىلەن قورال ئالماشتۇرماقتا ۋە سودىلاشماقتا. نېفىتنىمۇ ئۆز ئىچىدە ئالغان ھالدا ئۆزئارا سودا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۈگۈن بۇ يەردە ي پ گ غا قورال بېرىشنىڭ خىيىم – خەتىرىنى ئالدىنقى پىلانغا ئېلىپ چىقىشقا ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشتۇق» دېدى.

مەۋلۈت جاۋۇشئوغلۇ بىر مۇخبىرنىڭ «يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. سىز بۇ ئۇچرىشىشلاردا يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ سەزگۈر مەسلىلىرىنى چۈشەندى، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما مەزگىلىدە سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشى فوتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكى ۋە تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ گە قىلىنغان ياردەمگە ئوخشاشلا ئوباما دەۋرىدە پەيدا قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكىلىق منسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىدا تۈركىيەنىڭ ي پ گ مەسىلىسىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەركارلىشىشنىڭ زىيانلىرى ۋە خاتالىقلىرىنى ئامېرىكىلىق دوستلىرىمىزغا ئاڭلاتتۇق ۋە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمىز. توغرا گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق، داېشنى ئەلبابتىن كېيىن راككا ۋە باشقا جايلاردىمۇ مەغلۇپ قىلالايمىز. سۈرىيەدىن تولۇق تازىلىيالايمىز. ئىراقتا تېخىمۇ ياخشى ئىستىراتېگىيەمىز بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا مۇسۇلدا دائېشتىن بالدۇرراق قوتۇلغىنى بولىدۇ. بىز بۇ خىل سىياسىي ئۇچرىشىشلاردىن باشقا يەنە ئىستىخبارات ۋە ھەربىي سەۋىيەدىمۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېىپ باردۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇچرىشىشلار داۋملىشىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرىيەنىڭ ئەندىشىلىىنى چۈشىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىشىنى خالايمىز. ئەگەر مانا شۇنداق ئۆزئارا چۈشىنىش ئىشقا ئاشسا، مۇناسىۋەتلىرىمىز يەنە بۇرۇنقى ھالىغا قايتىدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر