بۈگۈنكى ھۇجۇمدا 28 دائىش تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئەلبابتىكى دائېشقا تەۋە نىشانلارنىڭ ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن قاتتىق بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

676248
بۈگۈنكى ھۇجۇمدا 28 دائىش تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرسىدە، 28 نەپەر دائېش تېررورچىسىنى ئۇجۇقتۇردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلىنىپ، 181 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا ئەلبابتىكى دائېشقا تەۋە نىشانلار ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيەسىگە قاراشلىق توپچى قىسىم ۋە باشقا بومباردىمان قوراللىرى دائېشقا تەۋە 122 – نىشاننى بومباردىمان قىلدى. بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھجايلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قورال، ئاپتومۇبىللىرى قىسماققا ئېلىندى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلارمۇ دائېشقا تەۋە 128 نىشانغا ھۇجۇم قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ پاناھجاي سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 14 بىناسى، قوماندانلىق مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 2 بىناسى ۋە 1 قورال – ياراق قاچىنغان ئاپتومۇبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

توپقا تۇتۇش ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا 27 نەپەر دائېش تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىتتىپاقداش قىسىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسا، 1 دائېش تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر