«گېرمانىيەدە 4 مىڭ دىنىي ئەربابنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركىيەنى قاتتىق رەنجىتتى»

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز گېرمانىيەدە تۈركىيەلىك 4 مىڭ دىنىي ئەربابنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر. مۇسۇلمانلار ۋە تۈركىيەنى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى ئېيتتى.

674619
«گېرمانىيەدە 4 مىڭ دىنىي ئەربابنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركىيەنى قاتتىق رەنجىتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھمەت گۆرمەز دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دىنىي ئاشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، غەيرىي مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ ناھايتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ھېچقانداق بىر دىنىي ئەربابنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ۋە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۆرمەز، گېرمانىيە ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئورگىنى «تۈرك دىنىي ئەربابلار جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانمىغان» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 2 كۈن ئۆتمەيلا گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ تۈرك دىنىي ئەربابلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىشىنى چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىنكاسلىرىمىزغا قارىماي بوھتانلار ئىزچىل داۋاملاشتى. بۇ ئەڭ چوڭ بوھتان بولۇپ، بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇدا 40 يىلدىن بۇيان ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا دۆلەتلەر ئارا ئەھدىنامىلەر دائىرىسىدە دىنىي مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان گۆرمەز، دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ تۈرك – گېرمان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە سايلاملار ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، سايلامالار ھارپىسىدا بىرقاتار دە تالاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ تەبىئىي  ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سايلام مەزگىلىدە سىياسەتكە، سىياسىي دە تالاشقا قۇربان قىلىۋېتىشكە بولمايدىغان قىممەتلەردىن بىرى بولغان دىن ئىسلامدۇر. سايلام مەزگىلىدە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قانداقتۇر بىر مۇسابىقىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش قىلمىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. گېرمانىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دىنىي ئىشلار ئىدارىمىزنى قاتتىق رەنجىتتى. دەرۋەقە، دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكى  ئادەتتىكى بىر تەشكىلات بولماستىن، ئەكسىچە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى، كۆز نۇرى بولغان بىر تەشكىلاتتۇر.

گېرمانىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەقەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىلا ئەمەس، ئېتىقاد، ئەخلاق ساھەلىرىدە يول باشچىلىق قىلىۋاتقان، دىنىي ۋە ئىسلامىي ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىۋاتقان دىنىي ئەربابلىرىنىمۇ قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۆرمەز، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىلىرىمىزدىن بىرى 40 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر يوققا چىقىرىلغان يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ياۋروپادا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا قاتتىق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر