كوجائەلىدە جاسۇسلۇق گۇماندارى بىر خىتاي سوتقا چىقىرىلدى

گۇماندار جاۋچەننىڭ ئىلگىرى كوجائەلىدە ساقچىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولۇش بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

674110
كوجائەلىدە جاسۇسلۇق گۇماندارى بىر خىتاي سوتقا چىقىرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پاسپورتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ۋە كوجائەلى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىدە ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتقا چىقىرىلغان جاۋچەننىڭ ئىلگىرى ئىستانبۇلدا ھەربىي جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا پاسپورتى بىلەن 2016 – يىلى 15 – نويابىردا تۈركىيەگە كەلگەن تېگى خىتاي، ئۆزى ئامېرىكا پۇقراسى جاۋچەن ئىىسملىك گۇماندارنىڭ نۇسەيبىندىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گۇماندارنىڭ دادىسى كېم چان، ئادۋۇكاتى يالچىن شىمشەك  قاتناشقان كوجائەلى 4 – ئېغىر جىنايەت سوت مەھكىمىسىدىكى سوتتا، جاۋچەننىڭ ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، بىراق ھەربىي جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن دېلوسىنىڭ ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كوجائەلىدىكى سوت جەريانىدا جاۋچەننىڭ دادىسى بىلەن 3 مېنۇت كۆرىشىۋېلىش تەلىپى رەت قىلىندى.

جاۋچەننىڭ سوتتا تەرجىمان ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاپ، «مەن ناھەقچىلىككە ئۇچرىدىم، قويۇپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇرىيەت مۇپەتتىشى ئەلى چوبان سوتتا جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە جاۋچەننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

گۇماندارنى ئاقلاش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئادۋوكاتى يالچىن شىمشەك جاۋچەننىڭ 2016 – يىلى 15 – نويابىردا تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ، ئىستانبۇل، كونىيا، ئادانا ۋە نۇسەيبىننى زىيارەت قىلغانلىقىنى، نۈسەيبىندە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلىۋاتقان بولغاچقا ساقچىلار تەرىپىدىن ئاپتوموبىلى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:

«جاۋچەننىڭ ئاپتومۇبىلىدا يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئۇچار كامېرا ۋە فوتو - سۈرەت ئاپىراتى چىققاندىن كېيىن قولغا ئېلىنىدۇ. نۇسەيبىن جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيەنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇتۇش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. ئاندىن جاۋچەن رۇخسەت ئېلىپ ئىستانبۇلغا كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جاۋچەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنىپ، كوجائەلىدىكى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە يوللىنىدۇ. بۇ يەردىكى رەسمىيەتلەر 3 – 4 كۈن داۋاملىشىدۇ. جاۋچەن بۇ يەردە ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ساقچى مەمۇرلىرى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىپ جېدەل چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاۋچەن ھەققىدە قايتىدىن تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ. كوجائەلى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى جاۋچەننىڭ نۇسەيبىندە سوت قىلىنغانللىقىنى بىلگەن تۇرۇغلۇق، ھەربىي جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ يېڭىدىن دېلو تۇرغۇزىدۇ. ئۇ نۇسەيبىندە يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا بولغان دەپمۇ ئەيىپلەنگەن ئىدى. كېيىن كوجائەلى جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلونىڭ ئۆز ھوقوق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىستانبۇلدىكى يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللايدۇ»

ئادۋوكات شىمشەك گۇماندارنىڭ 2 دېلو بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتىدىن ئاقلىنىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش قارارى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «بىراق ئىستانبۇلدىكى ھەربىي جاسۇسلۇق دېلوسى داۋاملاشماقتا. مەن ئىستانبۇلدىمۇ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى بۇ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسلىق پاكىتى يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئۇچار كامېرا ۋە فوتو - سۈرەت ئاپىراتى. بۇ ئۈسكۈنىلەر بۇرۇنلا نۇسەيبىن جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسىدە تەكشۈرۈلگەن ۋە شەرتلىك قويۇپ بېرىش قارارى چىققان. جاۋچەن 20 يىلدىن بۇيان نىرۋا كىسىلگە گىرىپتار بىر كىشى. ساقچىلار بىلەن جېدەل قىلىشى ۋە نۇسەيبىنگە بېرىپ قېلىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان. ئۇنىڭدا بىر خىل گالۋاڭلىق بار. ئۇنىڭ نىرۋا كېسىلى ھەققىدە ئامېرىكىدىن تەلەپ قىلىنغان كېسەللىك ئارخىپى تېخىچە قولىمىزغا كەلمىدى. مەن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر