يىلدىرىم، شتايىنمايېر ۋە بەردىمۇھەممەدوۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، گېرمانىيەدە پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان فىرانك ۋالتېر شتايىنمايېر بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىقىغا قايتىدىن سايلانغان گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنى تەبرىكلىدى.

671957
يىلدىرىم، شتايىنمايېر ۋە بەردىمۇھەممەدوۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، فىرانك ۋالتېر شتايىنمايېر بىلەن گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم يەنە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلانغان پولشا باش مىنىستىرى بېئاتا سزيدلوغا تەسەللىي تېلېگراممىسى يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر