بوزداغ: ئامېرىكىدىن مۇسبەت سىگنال بار

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇسبەت سىگناللارنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

671048
بوزداغ: ئامېرىكىدىن مۇسبەت سىگنال بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ مۇغلادا بايانات بېرىپ، 15 – ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يوليورۇقىنى چۈشۈرگۈچى، ماقۇللىغۇچى، پىلاننى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بۇ جەھەتتە تۈرك خەلقىدە ياكى ھەرقانداق بىر كىشىدە قىلچىلىك ئىككىلىنىش يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈركىيەدىكىدىنمۇ كۆپرەك مەلۇمات بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بوزداغ سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«مۇشۇنداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى پېنسىلۋانىيەدە ياشىماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ پېنسىلۋانىيەدىكى داچىغا كىملەرنىڭ كىرىپ – چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، دەپ قاراش ساددىلىق بولىدۇ. بۈگۈنگىچە ئامېرىكىغا يەتكۈزۈلگەن ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىنىش تەلەپلىرىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە فەتھۇللاھ گۈلەن بىلەن ئالاقىدار ماتېرىياللاردەك كۈچلۈك بىر ماتېرىيال بار، دەپ ئويلىمايمەن. يېڭى پىرېزىدېنت دەۋرىدە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى يۆنىلىشكە كىرىشىنى، مۇسبەت ھەمكارلىقنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىرغىچە بېرىلگەن باياناتلارغا قارىغىنىمىزدىمۇ، ئۇلار گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋە ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىشىنى بويىچە ئىجابىي ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە. لېكىن، كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقىنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈركىيەگە قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ئىش ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر