ئەردوغان: جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى تۈركىيەنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىدۇ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۈركىيەنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

670155
ئەردوغان: جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى تۈركىيەنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاق ساراي 15 – ئىيۇل مىللىي ئىرادە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇز كۆلى 12 - تەبىئىي  گاز ئېھتىيات مۇئەسسەسەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇئەسسەسەنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۇرالغۇلاردا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان تەبىئىي  گاز ئېھتىيات سەۋىيەسىدىن 5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە توختالغان ئەردوغان، يېڭى تۈزۈمنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تۈزۈملەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركلەرگە خاس جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ئاساسىي قانۇندىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى يەنى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى خەلقىمىزنىڭ بىرلىكى، باراۋەرلىكى ۋە قېرىنداشلىقىنى قوغدىغان ئاساستا تۈركىيەنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىدۇ ھەمدە دۆلىتىمىزنى يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىدۇ. تۈركىيە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش يولىدا مۇھىم بىر ئاچالغا كېلىپ قالدى. بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىش ھارپىسىدا ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قانۇن تەكلىپىنى ئىمزالىدىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ باسقۇچ باشلانغان بولدى. خۇدايىم بۇيرۇسا، 16 – ئاپرېل كۈنى ئەزىز خەلقىم سايلامغا قاتنىشىدۇ.»

مۇئەسسەسەنىڭ ئاق ساراي ئاھالىسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ كۈنتەرتىپىدىمۇ رېفېراندۇم بار ئىدى.

ئۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى ئارقىلىق زىممىسىگە مىنىۋالغان يۈكلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر