ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سومالىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارمائاجوغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى.

668652
ئەردوغان سومالى پىرېزىدېنتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سومالىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارمائاجوغا تېلېفون قىلىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە يېڭى خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ سومالىنىڭ مۇقىملىق ۋە باياشاتلىققا ئېرىشىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، يۈزلەرچە كىشى پايتەخت موقدىشۇدا سابىق باش مىنىستىر مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارمائاجونىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان پىرېزىدېنت ھەسەن شەيخ مەھمۇد، سابىق باش مىنىستىر مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارمائاجو ۋە سابىق پىرېزىدېنت شەرىف شەيخ ئەھمەد ئۆزئارا رىقابەتلەشتى.

بىلدۈرۈلىشىچە، 55 ياشلىق فارمائاجو ھەم سومالى ھەم ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر