قالىن: قىسىملىرىمىز ئەلبابنىڭ مەركىزىگە كىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيەدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەلبابنىڭ مەركىزىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

668548
قالىن: قىسىملىرىمىز ئەلبابنىڭ مەركىزىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىگە دائىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «قىسىملىرىمىز ئەلبابنىڭ مەركىزىگە كىردى. ئەسەد كۈچلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدىكى سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىپ، سۆھبەتنىڭ ناھايىتى مۇسبەت ئۆتكەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قالىن، تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيە مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ 5 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش تەكلىپىگە مۇسبەت ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىبراھىم قالىن، ترامپنىڭ 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى دەرھال باشلاتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

باياناتچى ئىبراھىم قالىن يەنە بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ قايتۇرۇلماسلىقىنىڭ بىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر