چاناققەلئەدە 22 چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان چەت ئەل پۇقراسى 22 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

664071
چاناققەلئەدە 22 چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، سازلى يېزىسى دېڭىز ساھىلىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، زەيتۇنزارلىققا مۆكۈۋالغان ئاياللار، بالىلار بولۇپ سۇرىيە ، ئافغانىستان، ۋە دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى 22 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق مەركىزىگە كەلتۈرۈلگەن 22 كىشى، رەسمىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئايۋاجىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر