ئىستانبۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 10 گۇماندار قاماققا ئېلىندى

ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بېرىپ 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 17 ئادەمنىڭ 10 ى قاماققا ئېلىندى.

662897
ئىستانبۇل تېررورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 10 گۇماندار قاماققا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بېرىپ 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 17 ئادەمنىڭ 10 ى قاماققا ئېلىندى؛ قاماققا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن گۇماندارمۇ بار.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلار بىيۇروسىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرى دائىرىسىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئون يەتتىسى سوتلاندى. مەھكىمە، 20 كۈن بويىچە بىر ئۆيدە تۇرغان تېررورچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىلياس ماماشارىپوۋنى «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» ۋە «غەزەرلىك ھالدا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ياردەم قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، قاماققا ھۆكۈم قىلدى.

ماماشارىپوۋنىڭ ئايالى مەرھەبا ئابدۇللايېۋا قاتارلىق باشقا 8 گۇماندارمۇ «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىندى. بەش گۇماندار ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قېلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.

يېڭى يىل كېچىسى ئورتاكۆيدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى؛ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ، ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئىستانبۇلدا قولغا چۈشۈرۈلگەنىدى.

ماشارىپوۋنىڭ ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر