مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ يىللىق (2017) تۇنجى يىغىنىدا، تۈركىيە دۇچ كەلگەن ھۇجۇملارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

662935
مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتابنامىسى دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە كۈللىيەدە ئېچىلغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. خىتابنامىدە، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تېررورلۇق ۋە خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە قارشى قانۇن دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ئاساس قىلىنغان ھالدا ئۆتكەن يىلى (2016) يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى توغرىسىدا يىللىق خۇلاسە چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىستانبۇل، قەيسەرى، ئىزمىردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، رۇسىيە باش ئەلچىسىگە قىلىنغان سۈيىقەست ۋە ئىستانبۇلدا يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن ھۇجۇم قاتارلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشلەر كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا ھەر تەرەپلىرى بىلەن مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاتتىق ئەيىبلەندى. دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كېرەكلىك زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادىمىز يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قولچۇماقچىلىرى تەرىپىدىن خائىنلارچە قىلىنغان ھۇجۇملار، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتكە بىلدۈرگەن قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.»

خىتابنامىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قىلىنىۋاتقان ھەققانىي كۈرەشنى خەلقئارالىق سەۋىيەدە ۋە كۈچلۈك تەسىردە چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە، دىن، مەزھەپ، ئېتنىك ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى سۈيىئىستېمال قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇلارنى قوللىغان كۈچلەرگە قارشى ئۇلارنى ئايرىماستىن قىلىنىۋاتقان كۈرەشنىڭ قەتئىي نىيەت ۋە ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتابنامىدە، ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د غا بېرىلگەن قورال-ياراغ ياردەملىرى توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ھەرخىل ئۇسۇللاردا قورال ياردىمى قىلىش، تېررورلۇقنىڭ كۈچلىنىشىگە ۋە كېڭىيىشىگە ئاساس تەييارلاپ بېرىدۇ.»

خىتابنامىدە، سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، بۇ دۆلەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان تېررورلۇق تەھدىتلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ھەمدە مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىدە، سۈرىيەدە ئەمەلگە ئاشقان ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە ئاستانا يىغىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىپ، تۈركىيەنىڭ داۋاملىق سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يىغىندا، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىبرىس ئۇچرىشىشلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر قاراپ چىقىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بىرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر