ھەرقانداق دۆلەتتە ياخشى ۋە يامان ئادەملەر بار

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەتتە مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

662630
ھەرقانداق دۆلەتتە ياخشى ۋە يامان ئادەملەر بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش «خەبەر تۈرك گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ يەتتە مۇسۇلمان دۆلەت پۇقرالىرىغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكىدەك ئوخشىمىغان دىن، ئىرق ۋە مىللەتلەرنى بىر يەردە جەم قىلىپ ئېرىتىپ، <ئامېرىكان> خەلقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەت دېيىلىدىغان بىر دۆلەتتە، بۇنداق پەرماننىڭ چىقىرىلىشى كىشىنى ئىنتايىن رەنجىتىدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا ئايرىمچىلىق پەيدا قىلىدىغان پەرمان ھېسابلىنىدۇ، مەن بۇنىڭ تۈزىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ پۇقراسى كاتېگورىيە جەھەتتىن ئەسكى بولمايدۇ.»

ئۇ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ياخشى ئادەملەر بار بولغىنىدەك، ئەسكى ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«شۇڭا، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى، قانۇنسىز ياكى تېررورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە قارشى تور قۇرۇپ، خەلقئارالىق بىرلەشمە كۈرەشنى كۈچەيتىشتۇر. ئامېرىكا ۋە باشقا بارلىق غەرب دۆلەتلىرى بۇنى قىلىشى كېرەك. ناھايىتى ئەپسۇسكى ھازىر بىر-بىرىگە پاراللېل ھالدا ئىشلەۋاتقان ئىككى قاراڭغۇ كۈچ بار. بۇلارنىڭ بىرى، ئىسلام قورقۇنچى ۋە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش؛ يەنە بىرى، ئىسلامدىن پايدىلىنىپ، يەر يۈزىنى قانغا بوياۋاتقان دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا پەردىسىدىكىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەر ئىككىسى 1 مىليارد 700 مىليون مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى زەھەرلەيدۇ، بۇلارغا قارشى ئەقىللىق بولۇش كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر