گىرېتسىيە  فەتھۇللاھچى 8 خائىن ئەسكەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولدى

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى فەتھۇللاھچى 8 خائىن ئەسكەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى ئاخىرىقى قارارىنى بۈگۈن ئېلان قىلدى.

659888
گىرېتسىيە  فەتھۇللاھچى 8 خائىن ئەسكەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدىن كېيىن گىرېتسىيەگە قىچىپ بارغان 8 خائىن ئەسكەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى قارار قىلدى.

مەھكىمە گىرېتسىيەگە قىچىپ بارغان 4  يۈزبېشى، 2 مىڭبېشى ۋە 2 ھەربىي ئوفېتسىرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىك ھەققىدىكى ئاخىرىقى قارارىنى بۈگۈن ئېلان قىلدى. 

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈركىيەنىڭ 8 خائىن ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلدى. خائىنلارنىڭ قىسقا مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى سىتاۋروس كوندونىس «ھۆكۈمىتىمىز ئالىي سوتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئافىنا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى دىمىتىرىس پاكسىنوسمۇ «3 مۇپەتتىش قايتۇرۇپ بەرمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان باش مۇپەتتىش چىقمايدۇ» دېگەن ئىدى.

خائىن ئەسكەرلەر ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى قارارنىڭ 23 – يانۋاردا ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىدى. بىراق 1 سودىيە قازاغا ئۇچرىغانلىقى ۋە قالغان 2 سودىيەنىڭ كەسكىن پىكىر بايان قىلالماسلىقى سەۋەبىدىن قارار چىقىرىش كۈنى بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر