ئەردوغان ماداغاسقارغا يېتىپ باردى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماداغاسقار زىيارىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى زىيارەت بولۇش نۇقتىسىدىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

658561
ئەردوغان ماداغاسقارغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان موزامبىكتىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئافرىقا زىيارىتىنىڭ 3-  بېكىتى بولغان ماداگاسكارنىڭ پايتەختى ئانتانانارىۋوغا يېتىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئايرودۇرۇمدا ماداغاسقار باش مىنىستىرى ئولىۋېر ماھافالىي سولوناندىراسانا بىلەن بىرلىكتە ماداغاسقار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېترىجە ئاتاللاھ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بەنى خاۋېر قارشى ئالدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيەنىڭ ماداغاسقاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋولقان ۋۇرال ۋە ئايالىمۇ ئىشتىراك قىلدى.  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد مىنستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ھەمراھ بولدى.

بۇ قېتىمقى رەسمىي ئۇچرىشىش، جۇمھۇر رەئىسلىك سەۋىيەسىدە ماداغاسقاردا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى زىيارەت بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر