ئەمىنە ئەردوغان ئافرىقىلىق يېتىملارغا كۆڭۈل بۆلدى

ئەمىنە ئەردوغان موزامبىكتىكى يېتىمخانىغا پۇل ئىئانە قىلدى ۋە يېتىم ئۆسمۈرلەرگە ھەر خىل ھەدىيە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

658444
ئەمىنە ئەردوغان ئافرىقىلىق يېتىملارغا كۆڭۈل بۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان موزامبىكتە ھەر ياشتىكى ئۆسمۈرلەرگە ئىگە چىقىۋاتقان يېتىمخانىنى زىيارەت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئورگىنى «TİKA» تەرىپىدىن  يېتىمخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن چاقلىق ئورۇندۇق تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «ئافرىقا بىلەن گەرچە جۇغراپىيە جەھەتتىن ئۇزاق بولساقمۇ، قەلبلىرىمىز بىر ۋە باراۋەردۇر. مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىيالىساق، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ بەختتۇر. خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىز ھېچقانداق مەنپەئەت كۆزلىمەستىن ئافرىقىغا دوستلۇق قولىنى سوزۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان ئافرىقىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەر دائىم قېرىنداشلار يۇرتى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەمىنە ئەردوغان ئاخىرىدا، يېتىمخانىغا پۇل ئىئانە قىلدى ۋە يېتىمخانىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ھەر خىل ھەدىيە بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

زىيارەت جەريانىدا، ئەمىنە ئەردوغانغا تۈركىيە–تانزانىيە پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى زەھرا تاشكەسەنلىئوغلۇ بىلەن بەزى مىنىستىرلار ھەمراھ بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر