ئەردوغان شەرقىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22-26-يانۋار كۈنلىرى ئارىسىدا شەرقىي ئافرىقىدىكى تانزانىيە، موزامبىك ۋە ماداغاسقار قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.

655993
ئەردوغان شەرقىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىنىڭ ئۇچۇر مەركىزىي ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 22-23-يانۋار تانزانىيەدە، پىرېزىدېنت جون پومبې جوسېف ماگۇفۇلى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ۋە ئىككى رەھبەر ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تانزانىيە زىيارىتىدىن كېيىنكى موزامبىك زىيارىتى، تۈركىيەدىن موزامبىكقا قىلىنغان تۇنجى جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدىكى زىيارەت بولۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ 24-يانۋار پىرېزىدېنت فىلىپ جاسىنتو بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شۇ كۈنى ماداغاسقارغا يېتىپ بارىدىكەن ۋە 25-يانۋار چارشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت خېرىي راجاۋنارىمامپىيانىيان بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئىككى رەھبەر ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا باشچىلىق قىلىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغاننىڭ ماداغاسقار زىيارىتىمۇ تۈركىيەدىن بۇ دۆلەتكە قىلىنغان جۇمھۇر رئىسلىك سەۋىيەسىدىكى تۇنجى زىيارەت بولۇش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھميەتكە ئىگە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيەنىڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئافرىقا قىتئەسى ئاساس قىلىنغان ھالدا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىملىرى ئىمزالىنىدۇ. ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە سودا مۇنبىرى يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، تۈرك سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يەرلىك كارخانىچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەنكى يىللاردا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ داۋامى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بۇ قېتىمقى زىيارەتلەر، ئافرىقا بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش سىياسىتى دائىرىسىدە، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن نامايان قىلغان ئىرادىسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر