تۈرك ئاكادېمىكلار «ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقى» قارارنامىسىنى تەستىقلاتقۇزمىدى

تۈرك ئاكادېمىكلار كولومبىيە پارلامېنتىغا 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى «ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى تەستىقلاتقۇزمىدى.

655910
تۈرك ئاكادېمىكلار «ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقى» قارارنامىسىنى تەستىقلاتقۇزمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى لاتىن ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت نەجاتى قۇتلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكىغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى دائىرىسىدە 2009 – يىلى قۇرۇلغان تەتقىقات مەركىزىنىڭ   ئاكادېمىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە رايوندا تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىش ۋە لاتىن ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى تۈركىيە ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ دائىرىدە يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ 1915 – يىلقى ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان قۇتلۇ، 2014 – يىلدىن بۇيان  7 دۆلەتتىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى شەخسلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 1915 – يىلقى ۋەقەلەر ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىغىنلاردا چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ % 90 تىنىڭ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ نەشرىياتلىرىدا دوكلات سۈپىتىدە ئۆز تىلىدا نەشىر قىلدۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كولومبىيە پارلامېنتىنىڭمۇ 2016 – يىلى ئاتالمىش ئەرمەنى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قۇتلۇ، پارلامېنتنى بۇ قارارىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بوگوتا باش ئەلچىسى ئەنگىن يۈرۈرنىڭ ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر