تۇنجى يەرلىك ھەربىي پاراخوت

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ھەربىي پاراخوتنى ياساش خىزمىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

655270
تۇنجى يەرلىك ھەربىي پاراخوت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەربىي پاراخوت ياساش خىزمىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ۋە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى بوستانئوغلۇ قاتنىشىدىغان مۇراسىم ئارقىلىق باشلىنىدۇ.

ھەربىي پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 113 مېتىر بولۇپ، 3 يىل 10 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈلىدۇ ۋە 2021-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىۇ.

«ئىستانبۇل» دەپ نام بېرىلىدىغان پاراخوت ئىستانبۇلدىن سومالى ياكى يەمەنگىچە بىر قېتىم ماي قاچىلاشتىلا يېتىپ بارالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر