ئەردوغان تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەن خادىملارنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ھېچ كىشىنىڭ قىلمىشى ھېسابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

653268
ئەردوغان تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەن خادىملارنى تەبرىكلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يىل كېچىسى ئىستانبۇلدا بىر كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ، ئەسەنيۇرتتا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ھېچ كىشىنىڭ قىلمىشى ھېسابسىز قالمايدىغانلىقىنى ۋە قانۇن دۆلىتى دائىرىسى ئىچىدە ھەممىسىدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىكى خىزمەت ۋە سىغۇرتا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى ئورگىنى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان، «ئورتاكۆيدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمچىسىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى مانا بۇ بىخەتەرلىك قارىشىمىزنىڭ مۇھىم نامايەندسى بولدى» دېدى.

ئەردوغان كېچىلىك كۇلۇبقا ھۇجۇم قىلغان تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەن ساقچىلارنى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنى تەبرىكلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر