پ ك ك ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالى

دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات ئورگىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ، تاغقا ئېلىپ قېچىۋاتقان ۋە ئالدىنقى سەپلەردە ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە  دوكلات ئېلان قىلدى.

653369
پ ك ك ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى، ئىسىملىرى ۋە ئۆلگەن ۋاقىتلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، بالىلارنىڭ پ ك ك تەرىپىدىن جىنسىي ۋە فىزىكىلىق زوراۋانلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

پ ك ك نىڭ بالا تېررورىستلارغا دوللار بېرىشنى ۋەدە قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، غارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ توقۇنۇش بولمىغان ۋاقىتلاردا ئوتۇن تېرىش، ھاجەتخانا ئورەكلىرى كولاش، قاچا – قۇچا ۋە كىيىم - كېچەك يۇيۇش، تاماق ئېتىش ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىنىدىغانلىقى، يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىست كاتتىباشلارنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرغان قىزلار بىلەن دېدەك سۈپىتىدە جىنسىي ئالاقە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى بولغان ي پ گ نىڭ يۈزلەرچە بالىنى مەجبۇرىي ھالدا توقۇنۇشلارغا ئەۋەتكەنلىكى ۋە ئونلارچە بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر