ئاقار، ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ
باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، 176 – نۆۋەتلىك ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
652407
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، 17-، 18 – يانۋار كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان 176 – نۆۋەتلىك ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ؛ يىغىندا دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ناتو يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكەن سېنتەبىر ئېيىدا كىرودىيەدىكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى.