«تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ قىبرىس ئارىلىدىن چېكىنىشى مۇمكىن ئەمەس»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ قىبرىس ئارىلىدىن چېكىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىنى ئېيتتى.

650926
«تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ قىبرىس ئارىلىدىن چېكىنىشى مۇمكىن ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا قىبرىس مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان قىبرىس مۇزاكىرىلىرىدە رۇم تەرەپ بىلەن گىرېتسىيەنىڭ تېخىچە نىيىتىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ قىبرىس ئارىلىدىن چېكىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىي نىيىتىنى ئىپادىلىمەكتە، ئەمما رۇم تەرەپ ۋە ۋاكالەتچى گىرېتسىيەنىڭ نىيىتى باشقىچە. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئاننان پىلانى ھازىر كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى نۆۋەتتە يېڭى بىر سۆھبەت باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ھازىرقى سۆھبەتنىڭ نىشانى بويىچە ئېيتقاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىر قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىسە، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 4 قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىر قېتىم ئۆتىسە. جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 4 قېتىم ئۆتەيدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئادىل بولغان بولىدۇ. يەنى بىز قىبرىستا ئادىل ۋە كەڭ كۆلەملىك بىر تىنچلىقنى خالايدىكەنمىز، ئۇنداقتا  بۇنىڭ ئۆلچىمى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا ھېچكىم بىزدىن باشقىچە ئىستەكلەردە بولمىسۇن. بۇنى بىز مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگىمۇ يەتكۈزدۇق.»

پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، پۇل قىممىتى مەسىلىسىنىىمۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە تەپتارتىدىغان ھېچقانداق بىر ئىش يوق. ئەمما مەن ئەزىز خەلقىمگە شۇنداق چاقىرىقتا بولىمەنكى، ھېچكىم ياستۇقىنىڭ ئاستىدا چەت ئەل پۇلى ساقلىمىسۇن. چەت ئەل پۇللىرىنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرسۇن. ئەگەر شۇنداق قىلسا، ئىشىنىمەنكى، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىمىز جانلىنىپ كېتىدۇ.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ماقۇللاش باسقۇچى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئىككىنچى باسقۇچتا پارلامېنت ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلسا، ئىش ئەسلى ساھىبىغا قايتىدۇ. ئاندىن خەلقىمىز ئاخىرقى قارارىنى بېرىدۇ. خەلقىمىز قانداق قارار بەرسە، ھەممىمىز رازى بولىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر