«خەلقىمىز سۇيىقەستلىك ئويۇننى ناھايتى ياخشى چۈشىنىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنىڭ سۇيىقەستلىك ئويۇننى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ساھىب چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

651367
«خەلقىمىز سۇيىقەستلىك ئويۇننى ناھايتى ياخشى چۈشىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان  بورسا ئىستانبۇل قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش ۋە يېڭى خىزمەت بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىگە چىن ئىشىنىدىغان كارخانىچىلارغا، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋە سودا – سانائەتچىلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە كارخانىچىلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «سېلىنمىلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنىڭ يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.»

تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، داۋاملىق ئىقتىسادىي ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «خەلقىمىز سۇيىقەستلىك ئويۇننى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ مەڭگۈ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ساھىب چىقىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر